شىنجاڭ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبى خەلقئارالىق مۇسابىقىدە زەپەر قۇچتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى خەۋىرى: 

    شىنجاڭ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش پۇتبول تىرېنېرى ئەكرەم ئەخمەتتىن ئىگىلىنىشىچە 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبى چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۆتىنچى نۆۋەتلىك ياتەي چاڭچۈن يۇلتۇزى لوڭقىسى خەلقئارالىق تەكلىپلىك مۇسابىقىسى» گە ئاتلانغان بولۇپ، مۇسابىقىگە ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبى ئايرىم ئايرىم ھالدا 12 ياشلىقلار ۋە 15 ياشلىقلار ئايرىمىسى بويىچە ئىككى كوماندا قاتناشتۇرغان.

    بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى رايون ۋە شەھەرلەردىكى كۇلۇبلاردىن سىرت، رۇسىيەنىڭ ئۈچ كوماندىسى قاتناشقان.  جەمئىي 14 ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبىدىن جەمئىي 22 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچى سانى 300 گە يەتكەن.

    مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئەزىمەتلەر ئۆز تېخنىكىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەرقايسى كوماندىلارنى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئىككى كوماندا ئوخشاشلار چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.