چېمپىيونلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى خەۋىرى: 

    2017-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا «شىنجاڭ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن «تۆتىنچى نۆۋەتلىك ياتەي چاڭچۈن يۇلتۇزى لوڭقىسى خەلقئارالىق تەكلىپلىك مۇسابىقىسى» دە چېمپىيولۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى داغدۇغۇلۇق ئېلىپ بېرىلدى.

    بۇ پائالىيەتكە كوماندىدىكى ئۆسمۈر توپچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلار، شۇنداقلا ياش پۇتبول ترېنىرلىرى، شىنجاڭ ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكرەم ئەخمەتنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

    پائالىيەت ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىيات بىلەن داۋاملاشتى، شۇنداقلا پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز ئەزىمەتلەرگە گۈل چەمبىرەكلەرنى تەقدىم قىلىپ ئۆز مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلىدى، ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ پائالىيەتنى ئاياغلاشتۇردى.

    ئاخىرىدا بىز «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى» مىز نامىدىن ترېنىر ئەكرەم ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز، شۇنداقلا ئەكرەم پۇتبول كۇلۇبىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.