دېمبېلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن ئەڭ قىممەت باھادا سېتىلغان توپچىغا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    تۈنۈگۈن كەچتە، بارسېلونا ئورگان تورى دېمبېلېنىڭ 105 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن كۇلۇبقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لەيلىمە شەرتلەر قوشۇلسا، دېمبېلېنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 147 مىليون ياۋروغا يېتىدىغان بولۇپ، بارسېلوناغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن ئەڭ قىممەت باھادا سېتىلغان توپچىغا ئايلانغان.

    بۇندىن بۇرۇن، بۇ رېكورتنى يېڭىلان توپچى بولسا ھازىر مانچېستىر شەھىرىدە توپ تېپىۋاتقان دېبۇرىينى بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى ۋولسفبرۇگ كوماندىسىدىن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى يۆتكىلىش سوممىسى 74 مىليون ياۋروغا يەتكەن. ھازىر دېمبېلې ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

    ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان توپچى بولسا بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە بايرېندىن يۇۋىنتۇسقا يۆتكەلگەن دوگلاس كوستا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجارە ھەققى 6 مىليون ياۋرو، سېتىۋېلىش ھەققى بولسا 40 مىليون ياۋروغا يەتكەن. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغانلار بولسا 2016-يىلى ئارسېنالغا يۆتكەلگەن شاكا ۋە بۇ يىل قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان دىراكسلېر ئىكەن.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.