ئېرفان: جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى پارلاق يۇلتۇزى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    جۇڭگودىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇنداق موللاقچىلاپ كىرگۈزگەن توپنى كۆرمىگىنىگە قانچە يىللار بولغاندۇ؟ ئېرفاننىڭ بۇ توپىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى 1994-يىلىدىكى گېرمانىيە «بومباردىمانچى ئايروپىلانى» كىلىنسىماننى ئەسلىمەي قالمايدۇ. 

    ئېرفاننىڭ توپ تېپىشىدىن ھەقىقىي مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق سۈپەتنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بەدەن كۈچىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى توپچىلارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى، يۈگۈرۈشىنىڭ جانلىق، سۈرئىتىنىڭ تېز، قارشىلىشىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ھازىر كەم بولغىنى پەقەت، مۇسابىقىگە كۆپ قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشىشتۇر.

    ئېرفان ھېزىمجان 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يەرلىك ھۇجۇمچى، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو 17 ياشلىقلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۆلەتلىك 16، 17 ۋە 18 ياشلىقلار كوماندىلىرىغا قاتنىشىپ، جەمئىي يەتتە مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، تۆت توپ كىرگۈزگەن. بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى خەلقئارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ۋە ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، جۇڭگو 19 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشكەن ئېرفانجان موللاقچىلاپ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، بىراقلا نام چىقارغان. 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.