ئۆزىل ئارسېنالدىن ئايرىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي كەلگەن ئارسېنال يەنە بىر شۇم خەۋەر تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. ESPN نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆزىلنىڭ ئارسېنال بىلەن توختام ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىقى ئاساس جەھەتتىن يوققا چىققان بولۇپ، ئۇمۇ سانچېزغا ئوخشاش كېلەر يىلى يازدا ئەركىن توپچىغا ئايلىنىپ، ئارسېنالدىن ئايرىلىشنى پىلانلىغان.

    سانچېزنىڭ ئارسېنالدىن ئايرىلىشى خېلى بۇرۇنلا جەزملىشىپ بولغان، گەرچە بۇندىن بۇرۇن ئۆزىلنىڭ يىل ئاخىرىدا ئارسېنال بىلەن توختام ئۇزارتىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن «تەنتەربىيە سۈرەتلىرى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆزىل بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىلا كۇلۇب بىلەن بولغان توختام ئۇزارتىش سۆھبىتىنى توختاتقان، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان.

    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەگەر ۋېنگىر ئۆزىلنى توختام ئۇزارتىشقا قايىل قىلالمىسا، ئۇنداقتا گېرمانىيەلىك بۇ توپچى كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا باشقا كۇلۇبلار بىلەن ئەركىن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ھەمدە كېلەر يىلى يازدا ھەقسىز ھالدا ئارسېنالدىن ئايرىلىدۇ.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.