پې پې: خان مادرىد بولسا مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنىڭ بىر قىسمى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بۇ يىل يازدا خان مادرىدتا 10 يىل توپ تەپكەن پورتۇگالىيەلىك ئوتتۇرا بېك پې پې كۇلۇبتىن ئايرىلىپ بېشىكتاشقا قوشۇلدى. پورتۇ بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن نېمىشقا خان مادرىدتىن كېتىدىغانلىقى ۋە بېشىكتاشقا قوشۇلۇشى توغرىسىدا سوئال سورىغان.

    «ئازابلىنىش؟ مەن ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئېيتقان، مېنىڭ خان مادرىدتىكى كۈنۈم ئاخىرلاشتى، ھازىر مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى يېڭى باسقۇچ، مەن بېشىكتاشنى تاللىدىم، چۈنكى مەن بۇ يەردە پۇتبول ماڭا ئاتا قىلغان خۇشاللىقنى ھېس قىلالايمەن. خان مادرىد بولسا مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنىڭ بىر قىسمى، ئۇ يەردىكى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن خۇشال ئىدى، پورتۇ ۋە مارىتىمودىمۇ شۇنداق ئىدى.»

    9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، پې پې بۇرۇن توپ تەپكەن كۇلۇب پورتۇ بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى سەھنىسىدە قايتا جەم بولىدۇ، بۇ مۇسابىقىگە ئۇنىڭ خان مادرىدتىكى كونا سەپدىشى كاشلىياسمۇ قاتنىشىدۇ.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.