نېيمار: مىباپپې يەنىمۇ ئىلگىرى باسالايدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    پارىژ چولپىنى نېيمار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فرانسىيەلىك ياش توپچى مىباپپېنىڭ ئىنتايىن قالتىس ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ يەنە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، پارىژ 0:5 نەتىجە بىلەن كېلىتلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدە نېيمار بىلەن مىباپپې بىردىن توپ كىرگىزگەن بولۇپ، بۇ سەپدىشىنىڭ ئىپادىسى توغرىسىدا توختىلىپ نېيمار مۇنداق دېگەن: «مۇنەۋۋەر توپچىلار بىلەن بىرگە توپ تېپىش ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش، ياش توپچى بولسىمۇ ئوخشاش.»

    «ماڭا نىسبەتەن، مىباپپې بولسا ئىنتايىن قالتىس توپچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ يەنە زور ئىلگىرىلەش مۇساپىسى بار.»

    نېيمار يەنە كۇلۇبنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، كېلىتلىقلارنىڭ مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىماق ئىنتايىن تەس، لېكىن بىز بۈگۈن ھەممىنى بويسۇندۇردۇق، ھەمدە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر مەيدان مۇسابىقىنى مەستانىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۇردۇق. بەش توپ ئۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.»

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.