كونتى: ئازپىلىكۈيتا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بېكلەرنىڭ بىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى C گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە چېلسى ساھىبخان مەيداندا 0:6 نەتىجە بىلەن ئەزەربەيجان قاراباغ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيەلىك بېك ئازپىلىكۈيتانىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، ھەمدە مۇسابىقە جەريانىدا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىدىن كېيىن مەشقاۋۇل كونتى زىيارەت قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بېك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

    «ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، ئازپىلىكۈيتا بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بېكلەرنىڭ بىرى. مەيلى پۇتىدا توپ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ئىنتايىن قالتىس.»

    «ئۇ بىر ئىنتايىن قالتىس توپچى، ھەمىشە ئىنتايىن ئىنتىلىشچان، مەشىق مەيدانىدا سىز ئۇنىڭ مەڭگۈ تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بىر ترېنىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق توپچىغا ئېرىشىش خۇددى چۈشكە ئوخشايدۇ.»

    يېڭى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، چېلسى تۆت مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرغان، بۇ ھەپتە ئۇلار ساھىبخان مەيداندا ئارسېنالنى كۈتىۋالىدۇ.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.