خامېس: مەشقاۋۇلنىڭ تەلىپىگە شەرتسىز بويسۇنىمەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى B گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن 0:3 نەتىجە بىلەن ئاندىرلېخىتنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ يىل يازدا بايرېندا قوشۇلغان خامېس رودىرىگۇز ئۆزىنىڭ بايرېنغا ۋاكالىتەن چۈشكەن تۇنجى مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ پەيتتىكى ھېسياتىنى ئىپادىلىگەن.

    «سول تەرەپتە مەن ئىنتايىن ئازادىلىك ھېس قىلىمەن، مەن مەشقاۋۇلنىڭ مېنى قايسى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئوڭ تەرەپ، ۋە ياكى سول تەرەپ بولۇشى مۇمكىن. مەيلى ئانچىلوتتى مەندىن قايسى ئورۇندا تېپىشنى تەلەپ قىلسۇن، مەن ھەممىسىگە بويسۇنىمەن. بۈگۈن مەن ئوتتۇرا مەيدان ئورنىدا توپ تەپتىم، ئىنتايىن ئازادىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، كوماندىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى.»

    ئۆزىنىڭ نېمىس تىلىدا سۆزلەش مەسىلىسى توغرىسىدا، خامېس مۇنداق دېگەن: «مەن ئاستا-ئاستا تېخىمۇ كۆپ نېمىسچىنى ئۆگىنىۋاتىمەن، نېمىس تىلى ئىنتايىن تەس ئىكەن. مەن ئىسپانچە سۆزلەيدىغان سەپداشلىرىمنىڭ گېپىنى چۈشىنەلەيمەن، ئۇندىن باشقا يەنە ئازىراق فرانسۇزچىمۇ بىلىمەن.»

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.