ئورگان تورى: پاۋلو سۇسا تيەنجىن چۈەنجيەننىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئورگان تورى: پاۋلو سۇسا تيەنجىن چۈەنجيەن پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەندى.

    تيەنجىن چۈەنجيەننىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا، كاناۋارونىڭ بۇندىن كېيىن كۇلۇبنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقى، ھەمدە سابىق فىئورېنتىنا مەشقاۋۇلى پاۋلو سۇسانىڭ مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

    پاۋلو سۇسا بۇ يىل 47 ياش بولۇپ، ئىلگىرى ئايال پادىشاھ باغچا چارلىغۇچىلار، سىۋانسې، لېيسېستىر شەھىرى، بارسېل، فىئورېنتىنا قاتارلىق كومادىلاردا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. 

    تيەنجىن چۈەنجيەن كۇلۇبىنىڭ ئۇقتۇرىشى تۆۋەندىكىچە:

    ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە كېلىشىشى بىلەن، پاۋلو سۇسا ئەپەندى تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەندى. پاۋلو سۇسا ئەپەندى پورتۇگالىيەدىكى داڭلىق توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسپىي ھاياتىدا زور ئۇتۇق قازانغان. كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى ۋەزىپىسى بىلەن مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ باغچا چارلىغۇچىلار، سىۋانسې، لېيسېستىر شەھىرى، بارسېل، فىئورېنتىنا قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق كوماندىلاردا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.

    ياۋروپادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش مەشقاۋۇللارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇسا ئەپەندىنىڭ تاكتىكىسى كۆپ، ئۇسلۇبى چىرايلىق، ھۇجۇم تەشكىللەش ئۇسلۇبى ئالاھىدە، ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىنىڭ تاكتىكا ئىدىيەسىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

    بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاش بىلەن بىرگە، سۇسا ئەپەندىنىڭ كەلگۈسىدە تيەنجىن چۈەنجيەننى يېتەكلەپ تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشىنى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە مەستانىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    تيەنجىن چۈەنجيەن پۇتبول كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.

    217-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.