ئورگان تورى: كاناۋارو گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎10ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئورگان تورى: كاناۋارو گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەندى، ئىككى تەرەپ 5 يىللىق توختام تۈزدى 

    گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:

    كۇلۇبنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق فابىئو كاناۋارو ئەپەندىنى گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدۇق.

    كاناۋارو 2015-يىلى گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسىغا قىسقا ۋاقىت مەشقاۋۇل بولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2-قېتىم تيەنخې تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.2014-يىلى 11-ئايدا، كاناۋارا گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ ئىجرائىيە مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، 2015-يىلى 2-ئايدا، كاناۋارو رەسمىي ھالدا گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ باش مەشقاۋۇلىغا ئايلانغان. لېكىن شۇ يىلى 6-ئايدا، كاناۋارونىڭ ئورنىنى سىكولارى ئىگىلىگەن. گۇاڭجۇ خېڭدادىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا، ئۇ تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلەنگەن، كوماندىنى يېتەكلەپ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىگە چىققان، ھەمدە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، تيەنجىن چۈەنجيەننى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.