ئېنگلاند بىرلەشمىسى 15-ئايلانما: بىرايتون 5:1 لىۋېرپول
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 9:00دە، 2017/2018-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئامېرىكا ئېكسپىرس مەھەللە توپ مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول مېھمان مەيداندا بىرايتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا لىۋېرپولدىن ئەمرە جان بىلەن فىرمىنو بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا لىۋېرپولدىن فىرمىنو بىلەن كوتىنھو بىردىن توپ، بىرايتوندىن مۇراي بىر نۇقتا توپ، دانك بىر «خائىن توپ» كىرگۈزۈپ، لىۋېرپول 5-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

    ئىككى كوماندا تارىختا 25 قېتىم تۇتۇشقان، لىۋېرپول 13 قېتىم غەلىبە قىلىپ، سەككىز قېتىم تەڭلىشىپ، تۆت قېتىم مەغلۇپ بولغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق مۇسابىقىسى بولسا 2012-يىلدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا لىۋېرپول 6-1 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 5-مىنۇتىدا، لىۋېرپولدىن كوتىنھو بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق فىرمىنونىڭ كاللا توپى قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 30-مىنۇتىدا لىۋېرپول قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، لىۋېرپولدىن كوتىنھو بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ئەمرە جان كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 31-مىنۇتىدا، سالاھ توپنى كوتىنھوغا بەردى، كوتىنھو پاس چىقىرىپ، فىرمىنو بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 42-مىنۇتىدا، قارشى تەرەپ قاپقىچىسى كوتىنھونىڭ ئىختىيارىي توپىنى توسىۋالدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا، لىۋېرپولدىن سالاھ پاس چىقىرىپ، فىرمىنو بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا، لىۋېرپولدىن ھېندېرسون چەكلەنگەن رايوندا بىرايتون توپچىسىنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، مۇراي نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا، لىۋېرپولدىن كوتىنھو ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا، كوتىنھو توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، بىرايتون توپچىسى دانك توپنى توسىمەن دەپ ئۆز قاپقىسىغا «خائىن توپ» كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، لىۋېرپول 5-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.