مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى 20 مىليون فوندستېرلىڭغا لۇك شاۋنى ساتماقچى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى 20 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن لۇك شاۋنى سېتىۋېتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

    بۇ يىل ئاران 22 ياشقا كىرگەن لۇك شاۋۋ بولسا 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان، شۇ چاغدا 30 مىليون فونىدستېرلىڭ يۆتكىلىش پۇلى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى 20 ياشتىن تۆۋەن توپچىلارنىڭ ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش رېكورتىنى ياراتقان.

    نېيۇكاستل بىرلەشمىسى كوماندىسى لۇكشاۋنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سوراپ باققان، لېكىن ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ تەلىپىگە ئانچە ماس كەلمىگەن.

    ئەگەر باشقا كوماندىلار كېلەر يىلى قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە ئۇنى قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلمىسا، نېۋكاستل بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۇنى ئىجارىگە ئېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بېنىتېس بىر مۇنەۋۋەر سول بېككە ئېرىشىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.

    لۇك شاۋ داۋاملىق ھالدا ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدا داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولغان كوماندىلارغا قوشۇلىشنى خالايدۇ.

    2015-يىلى سېنتەبىردە، ئېينخوۋېن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىدى.

    لۇك شاۋ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە تېخى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئېرىشىپ باقمىدى، ئۇ تۈرلۈك مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم ھەممىسى بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسىدا تاماملىغان.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.