ئالۋېس 15 يىلدا خانلىق مادرىدقا قارشى 43 قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    پارىژ سانت گېرمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خانلىق مادرىد ناتۇنۇش رەقىب ئەمەس. نۆۋەتتە پارىژ سانت گرماننىڭ سەپ شەكلىدە جەمئىي 15 نەپەر خانلىق مادرىدقا قارشى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ باققان توپچى بار، ئەمما ئالۋېسقا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.

    2003-يىلدىن بۇيان، ئالۋېس خانلىق مادرىدقا قارشى 43 قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان. سېۋىللادىن بارسېلوناغىچە، يەنە يۇۋېنتۇسقىچە بولغان ئارلىقتا ئالۋېس ھەر پەسىلدە خانلىق مادرىد بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان. بۇ 43 قېتىملىق خانلىق مادرىدقا قارشى مۇسابىقىدە، ئالۋېس بىرقەدەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، ئالۋېس بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە 22 مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئالتە مەيدان تەڭلەشكەن، 15 مەيدان ئۇتتۇرغان. ئۇ يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن، بىر قېتىملىقى سېۋىللادىكى، يەنە بىر قېتىملىقى بارسېلونادىكى ۋاقتىدا كىرگۈزۈلگەن. بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالۋېس خانلىق مادرىد بىلەن جەمىئىي ئۇچراشقان قېتىم سانى 45 كە يېتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.