ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: تيەنجىن چۈەنجيەن 0:3 كىتچې
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3كۈن ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

     ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كىتچې كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مى خاۋلۈن ياردەمچى پاس چىقىرىپ، مودېست كاللا توپ كىرگۈزۈپ، تيەنجىن چۈەنجيەننىڭ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى رەسمىي مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. مودېست «خائىن توپ» يارىتىپ، تيەنجىن چۈەنجيەن پەرقنى چوڭايتتى، ۋاڭ يوڭبو ياردەمچى پاس چىقىرىپ، سۈن كې كاللا توپ كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە0:3 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ تىركىشىپ توپ كىرگۈزەلمەي، تيەنجىن چۈەنجيەن ساھىبخان مەيداندا بۇ پەسىلدىكى تۇنجى مەيدان غەلىنى قولغا كەلتۈردى.


    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا مودېست كاللا توپ كىرگۈزۈپ، تيەنجىن چۈەنجيەن ئاۋۋال ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    36 مىنۇت بولغاندا، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مودېست «خائىن توپ» ياساپ، تيەنجىن چۈەنجيەن پەرقىنى 0:2 قىلدى.

    39 مىنۇت بولغاندا، ۋاڭ يوڭبو ئوڭ ئالدى مەيدان قىيپاش ئۇدۇلدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس كۆتۈرۈپ تاشلاپ، سۈن كې كاللا توپ كىرگۈزدى. نەتىجىدە تيەنجىن چۈەنجيەن قىسقىغىنە يەتتە مىنۇت ئىچىدە ئارقىم-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.