كىچىك توماس: ​دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى بىلەن بىر كوماندىدا بولغىنىمدىن خۇشالمەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەۋەندازلار كوماندىسى بۈگۈن يېڭى ئەزا كىچىك توماس، كىلاۋد، زىزىچلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچقان، ئارقا مۇھاپىزەتچى كىچىك توماس ئۆزىنىڭ جامېس قاتارلىق مۇنەۋۋەر توپچىلار بىلەن بىر كوماندىدا بولغىنىدىن خۇشاللىقىنى بىلدۈرگەن.

    «لېبرون مەن ۋە كىلاۋدغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، كىلاۋد بىلەن مېنىڭ كوماندا ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىمىزدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مېنىڭچە بولغاندا، مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى بىلەن بىر كوماندىدا ئىكەنلىكىىمدىن پەخىرلىنىمەن.»

    «بۇرۇن مەن تۇرغان كوماندىدا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار يوق دىيەرلىك ئىدى، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ، مەن ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار جامېس، كەۋىن لېفۇ، JR سىمىس، دىرىك روس قاتارلىقلار ۋە بىرلەشمىدىكى كۆپ يىللىق مەشىق تەجرىبىسى بار ترېنىر تىيرۇن لۇ بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن، بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى خۇشال، ھازىر  مۇسابىقىنىڭ تېزراق باشلىنىشىنى كۈتىۋاتىمەن.»  

    ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق باشقىلار تەرىپىدىن گۇمان قىلىنىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغان، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ھەر بىر مەيداندا 29 نومۇرغا ئېرىشتىم، لېكىن كىشىلەر يەنىلا مېنىڭ ئىقتىدارىمدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ، ناۋادا مەن بىر كۈنى مۇسابىقىنىڭ MVPسى بولۇپ قالسام، ئۇلار يەنىلا مەندىن ئېۋەن تېپىشى مۇمكىن. ئەمما ھېچقىسى يوق، مەن چوقۇم تىرىشچانلىقىم بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.»

    كىچىك توماس يەنە چەۋەندازلار بىلەن كېلىتلىقلار سودىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىزنى قوشىۋالغان چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كېلىتلىقلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك»، دېگەن.

    «مەن بىلەن كىلاۋد ئىككىيلەن بىللە سېتىۋىتىلگەن، بۇرۇن بىز بىللە نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھازىرمۇ بىرلىكتە تەڭ تىرىشىپ ئىلگىرلەيمىز. بىز كوماندىنىڭ رېقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، بۇمۇ بىزنىڭ قانداق قىلىپ بوستوندا غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى. ئەمما كوماندا قايتا قۇرۇلۇش ئەندىزىسى ئىچىدە تۇرغاندا، بىز بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ئىچىدە يوق ئىدۇق.»

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.