كۇررىي: چېكىنگەندىن كeيىنمۇ باشقىلارنى ئېلھاملاندۇرسامكەن دەيمەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قەھرىمانلارنىڭ داڭلىق چولپىنى كۇررىي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ دائىم كوبى ۋە MJ بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇردىغانلىقى ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ: «نۇرغۇن ياش بىر ئەۋلاد توپ مەستانىلىرى MJ نىڭ توپ ئۇرغان ھالىتىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، يەنە بەزى بىر قىسىم كىچىك توپ مەستانىلىرى كوبىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم بولسا ئۆزۈمنىڭ كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق  بۇ بالىلارنى ئېلھاملاندۇرۇش، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ مېنى ئۆز ئۈلگىسى قىلسا دەيمەن. بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭمۇ ئىشەنچى بار.»

    مۇخبىر كۇررىيدىن جۇڭگو توپ مەستانىلىرىنىڭ نېمىشقا كوبى، MJ ۋە ئۆزىنى ياقتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ سوئال مەندىن كۆپ قېتىم سورالغان، بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم، چۈنكى مەن مەستانىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلالمايمەن. ئەمما مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېنىڭ توپ ئۇرۇش ئۇسلۇبىمنى تەقلىد قىلالايدۇ، مەن ئۇچار ئادەم ئەمەس، ھەرگىزمۇ گارغا خالىغانچە چېقىلالمايمەن.»

    «ئادەتتىكى توپچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋە ياكى يېشىنىڭ قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇلار ياقتۇرىدىغىنى گارغا توپ ئۇرۇش، بولۇپمۇ توپنى يىراق ئارىلىقتىن ئۇرۇپ كىرگۈزۈش. بۇمۇ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. يەنە بىر سەۋەب بولسا مەن مۇسابىقىنى ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئوينايمەن، مۇسابىقىدىن ھەقىقىي ھالدا بەھىر ئالىمەن.»

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.