بىللۇپىس: مېگرادىي ھازىرمۇ ھەر بىر مەيداندا 17 نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن تراسې مېگرادىي  رەسمىي ھالدا نەيسىمىس ۋاسكېتبول داڭلىق شەخىسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، مېگرادىي كەسپى ھاياتىدىكى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 19 نومۇرغا ئېرىشكەن.

    ئادىداسقا تەۋە بولغان بەش يولۋاسنىڭ بىرى بولغان  بىللۇپىس بۈگۈن ئورگان تورىدا مېگرادىي تەبرىكلەپ، مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىم مېگرادىي 40 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا داڭلىق شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن، مۇبارەك بولسۇن!». 

    ئارقىدىنلا بىر نەپەر توپ مەستانىسى بىللۇپىس: «مەن مېگرادىينىڭ يەنە داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ئىشىنىمەن، سىىزنىڭچىچۇ؟» دەپ سورىغاندا، بىللۇپىس: « مېگرادىي بىرلەشمىدە ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا ھەر بىر مەيداندا 17 نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭدا چاتاق يوق» دېگەن. 

    بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن مېگرادىي بۇرۇن ئىككى قېتىم نومۇر ئېلىش شاھى بولۇپ تاللانغان. ئۇ 2002-2003-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ھەر بىر مەيداندا جەمئىي 32.1 نومۇرغا، 2003-2004-يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ھەر بىر مەيداندا 28.0 نومۇرغا ئېرىشكەن. 15 يىللىق كەسپىي ھاياتىدىكى سەككىز مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ھەر بىر مەيداندا 17+ نومۇرغا ئېرىشكەن.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.