كۇررىي: چەۋەندازلار ۋە كېلىتلىقلار سودىسىغا ھەيران قالدىم
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قەھرىمانلارنىڭ داڭلىق چولپىنى كۇررىي يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كېلىتلىقلار بىلەن چەۋەندازلار سودىسىغا بولغان ھەيرانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    «بىرلەشمىدە ئادەم ھەيران قالغۇدەك ئىشلار يوق دېيەرلىك، لىكىن يەنە بەزى ئىشلار سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتماي قالمايدۇ. بەلكىم سىز  ئۇدا ئۈچ يىل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كوماندىدا بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشىنىڭ بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغان چېغىڭىزدا، دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنىڭ قالتىس سودىسىنى كۆرەلەيسىز. شۇڭا بۇنداق سودىلار بىرىنچى قېتىملىق ۋە ياكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەپ بولمايدۇ. بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا  خۇددى ئىسقا ئوخشاش ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ، مانا بۇ NBA نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. بىرلەشمىدىكى كوماندىلار قايتا سەپ تۈزۈپ تېخىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىشنى ۋە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، بۇ ياخشى ئىش.»

    ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن مەڭگۈ ئۆزۈمگە يۇقىرى چەك قويىۋالمايمەن، كەلگۈسىدە قايسى ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، پەقەت پۈتۈن زېھنىم ۋە ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ داۋاملىق چېمپىيون بولۇشقا تىرىشىمەن. 

    شۇنىسى ئېنىقكى، بىزنىڭ غەلبە قازىنىشىمىزغا پۇرسەت بار، بولۇپمۇ بۇ يىل كوماندا ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، مۇسابىقە ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گەرچە بۇ ئاڭلىنىشىقا سەپسەتىدەك بىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ دەل مېنىڭ بۇرۇندىن بولىۋاتقان ئىش بېجىرىش ئۇسۇلۇم.»

    قەھرىمانلار بۇ يىل بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سېرىق ھەرە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ، شۇ چاغدا كۇررىي ئۆز ئانا مەكتىپى داۋىتسون ئېنىستىتۇتىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.