جامېس: كىچىك توماس نومۇر ئېلىپلا قالماي يەنە كوماندا ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەۋەندازلارنىڭ ئارقا مۇداپىئەچىسى كىچىك توماس پات ئارىدا كوماندىغا قايتىپ كېلىدىكەن. مۇخبىر Howard Beckنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چەۋەندازلار كوماندا ئەزالىرى توماسنى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا قايتىپ كوماندىغا قايتىپ كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن.

    بۇ بىر مەزگىلىدە جامېسنىڭ بىسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، پۈتۈن كوماندىنى تەشكىللەپ كەلگەن. بۇ قېتىم توماسنىڭ كېلىشى ئۇنىڭ بېسىمىنى بىراقلا يېنىكلىتىدىكەن.

    جامېس:« كوماندىدا  ئۇزۇندىن بىرى  نومۇر ئېلىپلا قالماي يەنە كوماندا ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى، لېكىن ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن بىز كوماندىنى تەڭشەپ كېتەلەيمىز» دىگەن.

    بۇ يىل يازدا چەۋەندازلار كوماندا ئەزاسى ئىرۋىڭنى چېقىرىپ بېرىپ كىچىك توماس، كىلاۋد، زىزىچ قاتارلىق توپچىلار ۋە ئىككى قېتىملىق ئىمزا ھوقۇقىغا  ئېرىشكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.