جامېس شارلوت كۈشەندىسى دەپ ئاتالدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن چەۋەندازلار ساھىبخان مەيدانىدا 115:107 نىسبەت نەتىجە بىلەن شارلوت سېرىق ھەرە كوماندىسىنى ئۈچ نۆۋەت ئۇدا يېڭىشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جامېس كوماندىغا ۋاكالىتەن ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان بولۇپ، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 36مىنوت مۇسابىقىگە قاتناشقان. گارغا ئۇرغان 24توپتىن 12توپنى، ئۈچ نومۇرلۇق 7توپتىن 4توپنى نىشانغا تەگكۈزگەن.  31نومۇر، 6گاردىن قايتقان توپ، 8ياردەمچى پاس، 2توپنى تارتىۋېلىپ، 1قېتىم قالپاق كەيدۈرۈشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، چەۋەندازلار كوماندىسى كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە  تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ سېرىق ھەرە كوماندىسىنى يەڭگەن.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جامېس شارلوت كۈشەندىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى نەتىجىسى شارلوت كوماندىسىنىڭ پۈتۈن مۇسابىقە نەتىجىسىدىكى  40مەيدان يېڭىپ، 6مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجىسىگە  يۈزلىنىدىكەن، يېڭىش نىسبىتى %87 كە يەتكەن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.