كۆل ئادىمى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 25 نومۇر پەرق بىلەن غەلىبە قىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • خۇپۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە كۆل ئادىمى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 81:106 نەتىجىدە چاقماق كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆل ئادىمى كوماندىسى 25 نومۇر پەرق بىلەن چاقماق كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن، كوماندا تارىخىدىكى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇياننقى چاقماق كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەرىقتە غەلىبە قىلىش رېكورتىنى ياراتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2008-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، كۆل ئادىمى كوماندىسى 105:130 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان. 

    ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەيدان غەلىبىدىن كېيىن كۆل ئادىمى كوماندىسى يېقىنقى سەككىز قېتىملىق ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، كوماندا تارىخىدىكى يېقىنقى ئالتە پەسىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بۇ نەتىجىنى تاماملىغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار 2012-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان 10 ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە، كۆل ئادىمى كوماندىسى ئۇدا 10 مەيدان غەلىبە قىلغان.

    كۆل ئادىمىنى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 07:30 دا، مېھمان مەيداندا تەنھا پالۋان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.