NBA ئورگان تورى بۈگۈنكى ئەڭ قالتىس سانلىق مەلۇماتنى باھالاپ چىقتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3كۈن ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • خۇپۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى: 


    بۈگۈن NBA ئورگان تورى بۈگۈنكى مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ قالتىس سانلىق مەلۇماتنى باھالاپ چىققان بولۇپ، چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ توپچىسى لېبرون جامېس 37 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئېلىش ۋە سەككىز ياردەمچى پاس بىرىشتەك نەتىجىسى بىلەن تاللاندى.

    بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، جامېس 40 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 23 قېتىم توپ ئېتىپ، 14 نى چۈشۈرۈپ، 37 نومۇر ئالغان، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، كوماندىسىنىڭ 120-112 نەتىجە بىلەن چاقماق كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ياردەم قىلغان، ھەم چەۋەندازلار كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.