CBA چېمپىيونلىرى بۇ قېتىم ھەشەمەتلىك ماشىنىلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن!!!
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 


    كوماندا تارىخىدا  تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ خوجايىنى سۈن گۇاڭشىن، كوماندىدىكى ماھىرلارغا چېمپىيونلۇق مۇكاپات پۇلى تارقاتقاندىن سىرت، يەنە ھەر بىرسىگە قىممىتى مىليونغا يېتىدىغان ماشىنىدىن بىردىن سوۋغا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. شىرئەلىجاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ماھىرلارغا تارقىتىلىدىغان ھەشەمەتلىك بۇ 30 دانە ماشىنا يېقىندا ئاللىقاچان شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، خوجايىن سۈن گۇاڭشىننىڭ ۋەدىسى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

    شىرئەلىجاننىڭ دوستلار چەمبىرىكىنىڭ كەسمە سۈرىتى


    شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە: «شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بۇيرۇتۇپ ياساتقان 30 دانە لىنكولىن يولباشچى ماركىلىق ماشىنا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، بۇ ماشىنىلار تۆھپىكار توپچىلارنىڭ كېلىپ تاپشۇرۇۋېلىشىنى كۈتمەكتە، ماشىنا تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن بىۋاسىتە بۇ كاتتا مەرىكىگە شاھىت بولۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز، يۈز يىللىق لىنكولىن، زۇڭتۇڭ ھەيدىگەن، پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان، چېمپىيونلار ھەيدەيدىغان قالتىس ماشىنا!» دەپ يازغان. بۇ مەزمۇنلاردا ئۇنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى ماھىرلار تىزىملىكىگە تاللىنالمىغاندىكى مەيۈسلىنىش تۇيغۇسىدىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت ھاياجانلىق ھېسلىرى چىقىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىرئەلىجان يەنە ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەن لىنكولىن يولباشچى ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ نەق مەيدان سۈرەتلىرىدىن بىر قانچە پارچە يوللىغان، سۈرەتتە نەچچە ئون دانە ھەشەمەتلىك ماشىنا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، تولىمۇ قالتىس كۆرۈنەتتى.

    «لىنكولىن يولباشچى»نىڭ 2017-يىللىق نۇسخىسى (ماتېرىيال رەسىمى)


    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە سۈن گۇاڭشىننىڭ توپچىلارغا ھەدىيە قىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ قىممىتى بىر مىليون ئەتراپىدىكى ئاۋدى Q7 تىپلىق ماشىنا بولۇشى مۇمكىن دېيىلگەن، يەنە بەزىلەر LandRover بولۇشى مۇمكىن دەپمۇ پەرەز قىلىشقان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئاقسۆڭەكلەرگە خاس ھەيۋەتلىك لىنكولىن بولۇپ چىققان.

    لىنكولىن يولباشچى ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى قىيسىق قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، لىنكولىن تىپلىق ماشىنىلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا تولۇق ۋارىسلىق قىلغان، كىرىس شەكىللىك ماشىنا ماركا بەلگىسى ماشىنىنىڭ ئالدى تەرەپ نەق ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىدىكىسىمۇ مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كەلتۈرۈلگەن ماشىنىلارنىڭ زادى قايسى تىپلىق ئىكەنلىكى تېخى نامەلۇم ئىكەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 30 دانە ماشىنىنىڭ سانىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئاساسلىق توپچىلار ۋە تىرېنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئارقا سەپ خادىملىرى بىلەن كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىمۇ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىنىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭدىن سۈن گۇاڭشىننىڭ شىجائىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ باش مۇدىرى خۇۋېينىڭ ئىلگىرىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇق مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن 20~30 مىليون خەلق پۇلى ئىكەن.


    مەنبە: ۋاڭيى تورى

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.