CBA دىكى شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لى جخڭيۈ كوماندىدىن ئايرىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    CBA دىكى شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەرگىنى لى جىڭيۈ پات ئارىدا كوماندىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئاز بولمىغان كوماندىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. ھازىر ئەڭ چوڭ ئۈمىد بىلەن لى جىڭيۈگە ئېرىشمەكچى بولغان كوماندىلار چىڭداۋ بىلەن شەنشى ئىكەن.

    تۈنۈگۈنكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى تاۋ خەنلىن ئاللىبۇرۇن مىكرو بلوگدا لى جىڭيۈ بىلەن خوشلاشقان.

    بۇ يىل 26 ياشلىق لىجىڭيۈ جىنەنلىك بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كېلوگرام، كوماندىدا ھۇجۇمچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 2009-2008 مۇسابىقە پەسلىدە، لى جىڭيۈ رەسمىي ھالدا كوماندىنىڭ بىرىنجى سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شەندۇڭ كوماندىسىدا كۈچ چىقارغىنىغا 8 يىل بولغان. 

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، لى جىڭيۈ شەندۇڭ كوماندىسى ئۈچۈن 42 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، 23 مىنۇت ئىچىدە، ئوتتۇرىچە ھېسابتا ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە 9.1 نومۇرغا ۋە 2.4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشكەن، ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپىنىڭ كىرىش نىسبىتى %41 كە يەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.