كىچىك توماس: دوستلىرىم بۇ سودىدىن ھەيران قالدى ۋە غەزەپلەندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەۋەندازلارنىڭ يېڭى ئەزاسى ئىسايا توماس مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىتلىقلار كوماندىسىدىكى دوستلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سودىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ھەمدە غەزەپلەنگەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

    «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتىپ سەن كوماندا ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان تۇرۇقلۇق ئۇچرىغىنىڭ بۇنداق مۇئامىلە دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ئىشلارنى كونترول قىلالمايمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كوماندىدىكى قىممىتىمنى بىلىدۇ، ئۇلار ئىزچىل مېنىڭ يېنىمدا مېنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ھەممىدىن مۇھىم.

     بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ ماڭا ئېغىر كەلدى، شۇنداقلا مېنى ئويغاتتى. مەنلا ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتىن ھەيران قالدى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سودا دەپ بىلدىم، جامېس بىلەن دۇرانتقا ئوخشاش توپچىلاردىن باشقا توپچىلارنىڭ سېتىۋىتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.»

    «مەن قاتتىق ئويلاندىم، ئۆزۈمنىڭ چەۋەندازلاردەك كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان مۇشۇنداق بىر پۇرسىتىمنىڭ بولغىنىدىن مىننەتدارمەن.»

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.