گۇاڭخۈي كوماندىسى خوجايىنى جۇڭگودىكى 100 چوڭ باينىڭ 45-ئورنىغا تىزىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎11ئاي ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    خۇرۈن تەتقىقات ئورنى يېقىندا 2017-يىللىق جۇڭگودىكى 100 چوڭ باي رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ گۇاڭخۈي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ خوجايىنى سۈن گۇاڭشىن 42 مىليارد يۈەن قىممىتى بىلەن 45-ئورۇنغا تىزىلدى.

    گەرچە سۈن گۇاڭشىننىڭ بايلىق قىممىتى 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 8 مىليارد يۈەن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن رەت-تەرتىپتىكى ئورنى يەنىلا ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش بولغان.

    بۇ رەت-تەرتىپتە ئالدىنقى ئون ئورۇنغا تىزىلغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شۈ جيايىن، ما خۇاتېڭ، مايۈن جەمەتى، ياڭ خۈييۈەن، ۋاڭ جيەنلىن جەمەتى، ۋاڭ ۋېي، لى يەنخوڭ ۋە ما دوڭمىن ئەر-ئايال، خې شياڭجيەن ۋە خې جيەنفېڭ ئاتا-بالا شۇنداقلا يەن خاۋ جەمەتى، دىڭ لېي، لى شۇفۇ ۋە لى شىڭشىڭ ئاتا-بالا.

    تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇ رۈن مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل جەمئىي 2130 كارخانىنىڭ بايلىقى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشتى ياكى تەڭلەشتى، ئەگەر بىر قىسىم ئاشكارىلانمىغان پۇلدارلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، جۇڭگودا بەلكىم 6000 دىن ئارتۇق مال-مۈلكى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكەن ياكى ئاشقان پۇلدارلار بولۇشى مۇمكىن».

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.