«بىليارت خاتىرىسى: تارىختىكى بۈگۈن» 9-سان
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى ئالاھىدە پىروگراممىسى: 


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق بىليارت ھەۋەسكارلىرى ھەممىڭلارنىڭ بۈگۈنكى «نورۇز بايرىمى»غا مۇبارەك بولسۇن، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، «بىليارت خاتىرىسى: تارىختىكى بۈگۈن» پىروگراممىمىزنىڭ 9-سانى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىز تۆۋەندە بىليارت تارىخىدىكى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى قانداق قىزىقارلىق ياكى چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى! بۈگۈنكى ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى «سېھىرگەر»-شائۇن مورفېي (Shaun Murphy).

    ئالتە يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مورفېي 2010-11 پەسىللىك دۇنيا سىنوك PTC ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى(سېنوك سەييارە مۇسابىقىسى)دە مارتېن گوۇلد بىلەن ئۇچراشقان.

     ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىلەردە مورفېي ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4:2 نەتىجىدە رىكېي ۋالدېننى، 4:3 نەتىجىدە «سېمىز» سىتېفىن لىنى، 4:0 نەتىجىدە «ۋېلىش ئەجدەرھاسى» مەتتېۋ سېتۋنېسنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. مارتېن گوۇلد بولسا 4:0 نەتىجىدە جىمى جونېسنى، 4:2 نەتىجىدە «زۇڭتۇڭ» جاد ترۇمپنى، 4:2 نەتىجىدە «قاتىل» مايكول خولدنى، 4:3 نەتىجىدە «لەيېستېر شەھىرىدىكى كۆرۈمسىز» ماك سەيېربىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.

    مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ھەر ئىككى ھەر ئىككىلىسى كۆپ نومۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، پەقەت مورفېيلا ئۈچىنچى مەيداندا بىر تاياقتا 50 دىن ئاشۇرۇپ نومۇر ئۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا مورفېي ئارقا-ئارقىدىن تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ 4:0 نەتىجىدە مارتېن گوۇلدنى يەڭگەن، شۇنداقلا كەسپى ھاياتىدىكى PTC ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مورفېينىڭ تۆتىنچى قېتىملىق   رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ قالغان.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.