2017 - يىللىق سىنوك جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىدە سەيېربىي چېمپىيون بولدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎7ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 


    2017 - يىللىق سىنوك جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن سول قول دەپ نام ئالغان مارك ۋېليامىس بىلەن لەيىستېر شەھىرىدىكى كۆرۈمسىز ماك سەيېربى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىپ، دۇنيا سىنوكېرلار ئومۇمىي رەت تەرتىپىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماك سەيېربى دۇنيا سىنوكېرلار ئومۇمىي رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 16-ئورۇندىكى ماھىرلار تىزىملىكىدىكى ئالتۇن سول قول ماك ۋېليامىسنى يەڭدى. مۇسابىقە جەريانىدا ئانچە-مۇنچە تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ماك ۋېليامىس ئەينى ۋاقىتتىكى قالتىس بولغان ھالاك تېخنىكىسىنى ئىشقا سېلىپ تەتۈر ئېشىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئەمما ماك سەيېربى يەنىلا تىرىشىپ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ئاجايىپ تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ 10-8 نەتىجە بىلەن 2017 - يىللىق سىنوك جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇق مۇكاپات سوممىسى 85000 فوندستېرلىڭ بولۇپ، سەيېربى ترۇمپنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولىدىغىنى مۇقىملىنىپ قالغان. سەيېربېي بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىدە بەش قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ تۆت قېتىم چېمپىيون بولغان. سەيېربى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تارىختا يەككە مۇسابىقە پەسىلىدىكى رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىدە تۆت قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ شەرەپكە ئۈچلا كىشى نائىل بولالىغان بولۇپ ئۇلار ماك دېۋىس، بىليارت شاھى سىتېفىن ھېندري ۋە جۇڭگولۇق ماھىر دىڭ جۈنخۇي قاتارلىقلار. 

    2011-يىلىدىكى گېرمانىيە پېشۋالار مۇسابىقىسىدىن كېيىن ماك ۋېليامىس ئىككىنچى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ باقمىغان، بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچتا سەيېربىيغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن ماك ۋېليامىسنىڭ دۇنيا سىنوكېرلار رەت تەرتىپىدىكى ئورنى ئالدىنقى 16 نىڭ ئىچىدىن چېكىنىپ دۇنيا بويىچە 17-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، شۇڭلاشقا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە كىرىش پۇرسىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان، بۇنىڭدىن ماك ۋېليامىسمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. 


    مۇسابىقى فىلىمى


    مۇسابىقى جەريانىدىكى نادىر سۈرەتلەر



    مەنبە: FRI بېليارت تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.