2017-يىللىق سىنوك دۇنيا لەۋھە تالىشش مۇسابىقىسى 4/1 مۇسابىقە دوكىلاتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎7ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تورى تەرجىمىسى: 


    2017-يىللىق سىنوك دۇنيا لەۋھە تالىشش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىغا كىردى، تۆۋەندە بىز بىرىنچى ۋە ئىككىنچى (مۇسابىقە ۋەقتى ئوخشاش ئەمەس) باسقۇچتىكى مۇسابىقە ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.


     سېربېي VS فۇ جىياجۈن

    بىرىنچى بۆلەك مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ رېتىمىنى ساقلاپ قېلىپ ھوجۇم ۋە مۇداپىئەدە ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، بىراق فۇ جىياجۈن ئالدىنقى يېرىم بۆلەكتە ئارقا-ئارقىدىن سەۋەنلىك سادىر قىلدى، ئالدىنقى تۆت مەيداندا ئارانلا تۆت توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم بۆلەكتە ئىنتايىن تەسلىكتە ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى، ئەمما بىرىنچى بۆلەك مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدانىدا سېربىي يەنە بىر مەيدان غەلبە قىلدى، ئاخىرىدا 6-2 نەتىجىدە سېربىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بىرىنچى بۆلەك مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.


    ۋىلسون VS ھېگىنېس

    مۇسابىقە باشلىنىپ ھېگىنېس 2-0 نەتىجىدە ئالدىدا تۇرغان، ئارقىدىن ۋىلسون تىرىشىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەن يەنە بىر قېتىم 3-3 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان، 7 مەيدان مۇسابىقىدە نەتىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولغان، ۋىلسوننىڭ تايىقىنىڭ ئۇچى بۇزۇلۇپ كەتكەن(بۇ يەردە بىز دىمەكچى تاياقنىڭ ئۇچىدىكى بىر قەۋەت كۆن بولۇپ خەنزۇچىدە ئادەتتى 皮头 دەپ ئاتايمىز)، ئۇ تايىقىنىڭ ئۇچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن(بۇ يەردە بىز دىمەكچى تاياقنىڭ ئۇچىدىكى بىر قەۋەت كۆن بولۇپ خەنزۇچىدە ئادەتتى 皮头 دەپ ئاتايمىز)، ھېگىنېس ئۇدا 2 مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى باسقۇچ مۇسابىقىدە 5-3 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.


    ئوسالىۋېن VS دىڭ جۈنخۇي

    مۇسابىقە باشلىنىپلا دىڭ جۈنخۇي يەككە تاياقتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 128،71 ۋە يەنە بىر قېتىم 71 نومۇر ئېلىپ 3-0 ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، ئارقىدىنلا ئوسالىۋېن تولۇق ئېچىلىپ ئويناپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىپ دىڭ جۈنخۇي بىلەن تەڭلىشىۋالدى، يەتتىنچى مەيداندا ئوسالىۋېننىڭ ئەسلىدە تەتۈر ئېشىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، بىراق دىڭ جۈنخۇي قىزىل قارا توپلارنى ئاراقا-ئارقىدىن كىرگۈزۈپ  مەيداننى پاك پاكىزلىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بىر مەيدان ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بۇ بۆلەكنى ئاياغلاشتۇردى.


    مەنبە: FRI بېليارت تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.