ئۈرۈمچىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى TOP147 لوڭقىسىنى تالىشىش بىليارت مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى خەۋىرى: 


    2017-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋە 30-كۈنلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدىن بىرى بولغان ئاق قوۋۇققا جايلاشقان TOP147 بىليارت كۇلۇبىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش باش تېما قىلىنغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى TOP147 لوڭقىسىنى تالىشىش ئاشكارا بىليارت مۇسابىقىسى» ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە چوڭ ئۈستەلدىن تاللىنىپ چوڭ ئۈستەلگە چىقىش، قاتلاملار بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە نومۇر ئۆتۈنۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

    مۇسابىقىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق... قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ماھىرلار قاتناشتى، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىچىدە ھەتتا مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم بىليارت ماھىرلىرى، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ بىليارت چېمپىيونلىرى، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى بىليارتخانىلاردا مەشىق ئېلىپ بارىدىغان ماھىرلار، ئىشتىن سىرتقى بىليارت ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2013-يىلى دۇنيا CBSA مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى جۈرئەت ئابدۇرېھىم قاتارلىقلار قاتناشتى. بۇ مۇسابىقىگە داڭلىق بىليارت رېپىرلىرىدىن ۋاڭ سەي باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشى رېپىرلىق قىلدى، مۇسابىقە باشتىن ئاخىرى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى دېگەن ئىدىيە بىلەن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ياخشى بولغان قادىر ئابلىز، سانجى شەھىرىنىڭ بىليارت چېمپىيونى دوڭ يۈپېڭ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كەلگەن سالام ۋە ئامانتاي(قازاق) قاتارلىق ماھىرلار تاللىنىپ چەك تارتىش ئارقىلىق ئامانتاي بىلەن قادىر، سالام بىلەن دوڭ يۈپېڭ قاتارلىقلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىدى.

    ئاخىرىدا قادىر بىلەن دوڭ يۈپېڭ چېمپىيونلۇقنى، سالام بىلەن ئامانتاي ئۈچىنچىلىكنى تالىشىپ قادىر چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، دوڭ يۈپېڭ ئىككىنچى، ئامانتاي ئۈچىنچى بولۇپ نەق پۇل ۋە لوڭقىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى، سالامغىمۇ نەق پۇل ۋە ماددىي بويۇملار مۇكاپات قىلىندى، ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالدىنقى 16 ماھىرنىڭ ھەممىسى نەق پۇل ۋە باشقا ماددىي بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا يېپىلىش مۇراسىمىدا دۆلەتلىك تىرېنېر ۋاڭ سەي ماھىرلارغا ياخشى نەتىجە، TOP147 كۇلۇبىدىكىلەرگە ئۇتۇق، ئامەتلەرنى تىلەپ مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى. 

    بۇ ھەقتىكى زىيارەت فىلىمىمىز پات يېقىندا شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز ئارقىلىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.


    مۇسابىقە جەريانىدىكى بىرقىسىم سۈرەتلەر: 


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.