فەن بىڭبىڭ بېليارت يېتەكچىسى تور بېكىتىمىزگە تەبرىكنامە يوللىدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎8ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى: 


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى، تور بېكىتىمىز ئېچىلىپ بىر ھەپتىگە بارمىغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانى ئويلىغىنىزدىنمۇ كۆپ بولۇپ بىزنى بەكمۇ خۇشال قىلدى. مۇشۇنداق خۇشال پەيىتلەردا جۇڭگودىكى «بېليارت ماھارەت» چولپىنى، داڭلىق كىنو چولپىنى «فەن بىڭبىڭ»نىڭ بىليارت يېتەكچىسى "شۈ جىيې"نىڭ بىزگە يوللىغان تەبرىكنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بۇ بىزگە نىسبەتەن قوش خۇشاللىق بولدى، شۇڭا بىز خۇشاللىقتىن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق. قېنى بىز ئالدى بىلەن "شۈ جىيې" بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

    ئۇ ئەسلىدە قابىلىيەتلىك بىر ئۆي ئىچى لايىھەلىگۈچىسى  بولۇپ، بىليارت ساھەسىدە ھېچقانداق بىر ئۇستاز كۆرۈپ باقمىغان ئەھۋالدا پۈتۈنلەي ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن دۆلىتىمىز ئىچى سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق بىليارت ماھارەت چولپىنى بولۇپ تونۇلغان.

    ئۇ جۇڭگوچە بىليارتتا ئۆزگىچە بىر ئېقىم پەيدا قىلغان، ھەمدە نەق مەيداندا«جۇڭگوچە بىليارت»ئۈستىلىدە بىر تاياقتا 12 توپ كىرگۈزۈش[دۇنيا رېكورتى]، ئامرېكىچە بىليارت ئۈستىلىدە بىر تاياقتا 16 توپ كىرگۈزۈپ ئاسىيا رېكورتىنى ياراتقان.

    ئۇ بۇ كەسىپكە كىرگەندىن بۇيان ئون نەچچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، ئۇ «قالتىس جۇڭگولۇقلار» پىروگراممىسىدا «قالتىس ماھىر» شەرىپىگە ئېرىشكەن، بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئون نەچچە ئۆلكىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان، فەن بىڭبىڭ، جوۋ لىبو، سا بېينىڭ، جاڭ لېي، مېڭ فېي، كۈن لىڭ، فاڭ چىيوڭ، خۇاڭ يىشەن قاتارلىق چولپانلارغا بىليارت ماھارىتىنى ئۆگەتكەن، ئۇ 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە كىنو ۋە ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا ئەڭ كۆپ تەكلىپ قىلىنغان بىليارت چولپىنى ھېسابلىنىدۇ.

    شۈ جىيې بىليارت چەمبىرىكىدىكى تۇنجى بولۇپ كىنودا ئەر باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان بىليارت چولپىنى،  ئۇ جوۋ شىڭچىنىڭ ئەترىتىدىكى خۇاڭ يىشەن (مەكتەپتىن قېچىش)؛ خۇاڭ يىفېي (ماھارەت پۇتبولى)؛ چېڭ دوڭ (قىمار ئىلاھى)؛ ياڭ نېڭ (ساھىبجامال بېلىق)؛ لى جىيەنرېن (رۇخۇا)؛ يۈەن چىيوڭدەن (شى لىيۇ جىيې)؛ مەي جىياچى؛ جۇ مىمى قاتارلى قسەككىز نەپەر ئەڭ ياخشى قوشۇمچە رول ئالغان ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىليارت باش تېما قىلىنغان «سىرلىق كالتەك» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.

    ئۇ جۇڭگودا بىليارت ماھارىتىنىڭ كەسىپلىشىشىگە ئاساس سالغان، ئۇ جۇڭگودىكى تۇنجى بولۇپ چوڭ كارخانىلار بىلەن توختام ئىمزالاپ ئوبراز ۋەكىلى بولغان بىليارت ماھارەت ئۇستىسى. ئۇ بىليارت ماھارىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۆپ جايلارغا بارغان، ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇن شەھەرلەردە بىليارت ماھارىتى كۆرسىتىش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان، بىليارت ماھارىتى بارلىقى يەردە ئۇنىڭ سېماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى دەل-«شۈ جىيې».


    بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسپى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:

    "شۈ جىيې" نىڭ ماھارەت فىلىملىرى


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.