«بىليارت خاتىرىسى: تارىختىكى بۈگۈن» 8-سان
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى ئالاھىدە پىروگراممىسى: 


    3-ئاينىڭ 7-كۈنى، «بىليارت خاتىرىسى: تارىختىكى بۈگۈن» پىروگراممىمىزنىڭ 8-سانى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىز تۆۋەندە بىليارت تارىخىدىكى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى قانداق قىزىقارلىق ياكى چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى! بۈگۈنكى ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى «ئوت پىلتىسى»-سىتېيفىن ماگىيۇر .

    13 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ماگىيۇر 04~2003-پەسىللىك دۇنيا كەسپىي سىنوك مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا ئاشكارا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «ئاق قويۇن» دەپ نام ئالغان جىمىي ۋايىت بىلەن ئۇچراشقان. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىلەردە ماگىيۇر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5:4 نەتىجىدە پېتېر ئېبدوننى، 5:4 نەتىجىدە جو پېررىينى، 5:3 نەتىجىدە «سېھىرگەر» دەپ نام ئالغان جون ھىگگىنسنى، 6:4 نەتىجىدە «سېمىز» سىتېفىن لىنى يەڭگەن.

    جىمىي ۋايىت بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5:4 نەتىجىدە «تەيفېڭ بورىنى» دەپ نام ئالغان جامېس ۋاتتانانى، 5:3 نەتىجىدە «بىليارت شاھى» سىتېيفىن ھېندىرىينى، 5:3 نەتىجىدە نېل روبېرتسوننى، 6:4 نەتىجىدە «قۇيۇن» دەپ نام ئالغان تونى دراگونى يەڭگەن.

    مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، ماگىيۇر ئاۋۋال ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 6 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىپ، نەتىجىنى 6:0 قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ۋە بەشىنچى مەيداندا، ماگىيۇر يەككە تاياقتا 137 نومۇر ۋە 103 نومۇر ئالغان. 7-مەيداندا جىمىي ۋايىت 63 كە قارشى 67 نومۇر بىلەن ناھايىتى تەستە بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ نەتىجە 6:1 گە ئۆزگەرتكەن. ئارقىدىنلا ھەر ئىككىسى 2 مەيداندىن ئۇدا غەلىبە قىلىپ نەتىجە 8:3 گە ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 11-مەيداندا، جىمىي ۋايىت يەككە تاياقتا 125 نومۇر ئالغان. 12-مەيدان مۇسابىقىدە، ماگىيۇر 6 گە قارشى 86 نومۇر بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئاخىرىدا 9:3 نەتىجە بىلەن جىمىي ۋايىتنى يېڭىپ، كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا كەسپىي سىنوك مۇسابىقىسى ياۋروپا ئاشكارا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ سىتېيفىن ماگىيۇرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.