مايۋەزىر: ۋالاقتەككۈر مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن كۈچلۈككەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 27-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، ئىلگىرىكى p4p دۇنيا بوكس چېمپىيونى، ئالتۇن كەمەر ساھىبى مايۋەزىر 10-ئايلانمىدا ۋالاقتەككۈرنى تېخنىكىلىق KO قىلىپ، ئەسىر ھالقىغان بۇ جەڭدە غەلبە قىلدى.

    گەرچە ماكگرېگور MMA دا ھۆكۈمران بولسىمۇ، بىراق كەسپى بوكس قائىدىسى ئاستىدا، ئۇ ئېنىقلا دۇنياۋى دەرىجىلىك بوكسچى ئەمەس.

    مۇسابىقىدىن كېيىن مايۋەزىر ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ۋالاقتەككۈر مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن كۈچلۈككەن، بىر يەڭمەك تەس بولغان ماھىر ئىكەن، بىراق بۈگۈن كېچە مەن ئۇنىڭدىن قالتىس. بىزنىڭ تاكتىكىمىز بولسا ئاستا–ئاستا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش، ئاۋۋال ئۇنىڭ كۈچىنى خورىتىش، مۇسابىقە باشلىنىپلا ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىپ كۈچلۈك مۇش ئاتقۇزۇش، ئاندىن كېيىن ئاستا–ئاستا ئۇنى مەغلۇب قىلىش. بىز MMA نىڭ 25 مىنۇت مۇسابىقە ئوينايدىغانلىقىنى بىلىمىز، 25 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ سۈرئىتى تەبىئىيلا ئاستىلايدۇ. مەن ئىلگىرى كۆپچىلىككە ئېيتقان، ۋالاقتەككۈر 12 مەيدان مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىيالمايدۇ. مەن ئېرلاندىيەلىك ۋە پۈتۈن دۇنيا بوكس مەستانىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بوكس مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈممۇ بولمايتى. مەن ۋالاقتەككۈر بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىشنى پىلانلىغان. مەن نۇرغۇن قېتىم ئېيتتىم، مەن چېكىنىشنى بىلمەيمەن! مەن قىلالىدىم!»

    «مەن قانداقلا ئۇسۇل ئىشلەتكەن بولاي ئۇنى يەڭدىم. مارىيانو بولسا بىر رىۋايەتلىك شەخس، مەنمۇ كەلگۈسىدە خەلقارالىق مەشھۇر بوكسچىلار بار بوكس قامۇسىغا كىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سەھنىگە چىقىشىم بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈن كېچە مەن رەقىبىمنى ياخشى تاللاپتىمەن، ۋالاقتەككۈر بولسا بىر مۇنەۋۋەر چېمپىيون. مەن مەستانىلەرگە ئۇلار ئۈمۈد قىلغان مۇسابىقىنى ئاتا قىلدىم. چۈنكى مەن ئىلگىرى پاككۈيئاۋ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇلارغا قەرىز بولۇپ قالغان.»

    40 ياشقا كىرگەن مايۋەزىرنىڭ بۇ 3-قېتىم چېكىنىشى  ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىملىقى بولسا 2007-يىلى 12-ئايدا خاردىننى KO قىلغان ۋاقىت، ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا 2015-يىلى 9-ئايدا بىلوتىنى مەغلۇب قىلغان ۋاقىت. بۈگۈن مۇسابىقە كۆرۈشكە پەقەت 14623 تاماشىبىن كەلگەن، 5000 دىن ئارتۇق ئورۇن يەنىلا بوش قالغان، ئالدىنقى رەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 10 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولغان. PPV بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ پايدىسىنىڭ ئەينى يىلى مايۋەزىر بىلەن پاككۈيئاۋنىڭ مۇسابىقىسىگە يەتمىگەنلىكىنى پەرەز قىلدى.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.