مايۋەزىر: ۋالاقتەككۈر، ئەمدى بوكس ئوينىما!
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    يېقىندا، ئىلگىرىكى p4p پادىشاھى، بەش دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى، ئالتۇن كەمەر ساھىبى مايۋەزىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، UFC چېمپىيونى ۋالاقتەككۈر ماكگرېگورنىڭ قايتا بوكس مۇسابىقىسى ئوينىشىنى ئۈمۈد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايۋەزىرنىڭ قارىشىچە ۋالاقتەككۈر داۋاملىق UFC دا جەڭ ئېلان قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن.

    «ماكگرېگور بولسا بىر قورقۇنۇشلۇق جەڭچى، مەن ئۇنىڭ داۋاملىق UFC سەھنىلىرىدە مۇسابىقە ئوينىشىنى، ئۆزى ماھىر بولغان ئىشنى قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز بىلىشىڭىز كېرەك، مەن ئاللىقاچان 40 ياشقا كىردىم، ھەم مۇسابىقە ئوينىمىغىلى 800 كۈن بولدى. ماكگرېگورنىڭ مۇسابىقە زىچلىقى بولسا ئىزچىل ئىنتايىن يۇقۇرى، ئۇ بوكس مەشىق سارىيىدا ۋە MMA مەشىق سارىيىدا تۇرۇپ باققان. ھازىر بوكس ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەۋلاد مۇنەۋۋەر بوكسچىلار بار، ئۇلار بىر توپ ياش شىرلارغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل بوكسچىلارنىڭ بىرىكمە مۇشى مېنىڭكىدىنمۇ يۇقۇرى. مەن ماكگرېگور بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، بىر مۇش-بىر مۇش بىلەن ئۇنى يەۋەتكەن. ئەگەر بۇ خىل ياش بوكسچىلار ماكگرېگور بىلەن مۇسابىقە ئوينىسا، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ چەبدەس بېرىكمە مۇشتى بىلەن ماكگرېگورنى يەر چىشلىتىدۇ.»

    ھەممىمىزگە ئايان، مايۋەزىر ھازىرقى بوكس ساھەسىدە پۇل تېپىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ماھىر. ئۇ پاككۈيئۋ، ماكگرېگور بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200-300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يىللىق كىرىم رەت-تەرتىپىدە مۇستەھكەم ھالدا بىرىنچىلىكنى ئېگەللىدى.

    ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى بىرىنچى كىرىمىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇ بولسىمۇ بىر ۋارىقى 100 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق چەك ئىدى. مايۋەزىر ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاشۇ بىر ۋارىقى 100 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق چەكنى قولغا ئالغاندا، ھازىرقى 1 مىلياردلىق چەكنى ئالغاندىنمۇ بەك خوش بولغانىدىم.»

    مايۋەزىر مۇنداق دېدى: «ھېلىھەم ئېسىمدە، مەن كەسپى بوكس ساھەسىگە قەدەم قويۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك كېڭەيتىش شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ماڭا بەرمەكچى بولغان چەكنى كۆرسەتكەن، نەقمۇ-نەق 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، بىراق ماڭا نىسبەتەن ئۇ پۇل بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدەك كۆپ بىلىندى. مەن نامراتلار تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەزەلدىن ئۇنچىلىك كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان، 100 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى، بۇ سان ماڭا نىسبەتەن ساناپ تۈگەتكۈسىز سان ئىدى، يۇقۇرى دەرىجىلىك كېڭەيتىش شىركىتىنىڭ خادىملىرى ماڭا نېمە دىگەنلىكنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم. مەن پەقەت تېزراق توختامغا ئىمزا قويۇپ، شۇ چەكنى قولغا ئېلىشقا ئالدىرايتىم. ئۇ يىل مەن 19 ياش ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزەمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم دەپ ھېسابلايتىم. مەن ھازىر ئاللىقاچان پۇل ھىسابلاش باسقۇچىغا كىردىم، بىز كىرىش بېلىتىنىڭ كىرىمى، ppv كىرىمى، ماركا كىرىمى، ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ كىرىمى، مەن نۇرغۇن تەكشۈرگۈچى خادىملارنى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلۈشىقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەن تاپقان ھەر بىر پۇڭنىمۇ ھېسابلايمەن.»

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.