مايۋەزىرنىڭ دادىسى: ماكگرېگور يەنە داۋاملىق بوكس ئوينىسا ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بۈگۈن ئىلگىرىكى p4p پادىشاھى، بەش دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى، ئالتۇن كەمەر ساھىبى مايۋەزىرنىڭ دادىسى، يەنى مايۋەزىرنىڭ باش مەشقاۋۇلى چوڭ مايۋەزىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، UFC دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىرى ئېرلاندىيەلىك ۋالاقتەككۈر ماكگرېگورنىڭ داۋاملىق بوكس مۇسابىقىسى ئوينىسا، بەلكىم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

    چوڭ مايۋەزىر مۇنداق دېدى: «تۈزۈت قىلمايلا دەۋېرەي، مەن ئەزەلدىن ماكگرېگوردەك چوڭ سۆزلەيدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ تاياق يەپ قانداق بوپ كەتتى؟ مېنىڭ قارىشىمچە بۇ بەك ئېچىنىشلىق بولدى. بولۇپمۇ ۋالاقتەككۈر مۇسابىقە جەريانىدا ئىزچىل بوكس قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، داۋاملىق ئوغلۇمنىڭ ئارقا مېڭىسىگە ھۇجۇم قىلدى، ئۇ ئېنىقلا بىر ساراڭ. مۇسابىقە داۋامىدا، ماكگرېگور ھېچقانداق بوكس تېخنىكىسىنى چىقىرالمىدى. ئارقا مېڭىگە ھۇجۇم قىلىشتىن سىرت، مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىم. ماكگرېگورنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ پايدىسى بولسا پۇل، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتچى. ئۇنىڭ قىلمىشى ئازىراقمۇ شان-شەرەپكە مۇناسىپ ئەمەس. ئەگەر ماكگرېگور داۋاملىق بوكس ئوينىسا، ھامان بىر كۈنى باشقىلاردىن تاياق يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.»

    ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى، مايۋەزىر لاسۋېگاستا 10-ئايلانمىدىلا ماكگرېگورنى KO قىلدى، مۇسابىقىدىن كېيىن UFC خوجايىنى پېتىر مۇخبىرلارغا، UFC چولپىنى ماكگرېگورنى كەسپى بوكس مۇسابىقىسىگە داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.