تايلاندچە مۇشتلىشىش شاھزادىسى بۇكاۋ ماكگرېگورغا جەڭ ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    يېقىندا، تايلاندچە مۇشتلىشىش شاھزادىسى بۇكاۋ (Buakaw Banchamek) ئىككى دەرىجىلىكلەر ئايرىمسى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى، ۋالاقتەككۈر ماكگرېگورغا جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق شەكىلدە مۇسابىقە ئوينىساق بولىدۇ، پەقەت ۋالاقتەككۈر بىلەن بىر سەھنىدە رېقابەتلەشسەملا بولدى.»

    ماكگرېگور ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى ئالتۇن كەمەر ساھىبى مايۋەزىر بىلەن ئوينىغان ئەسىر ھالقىغان مۇسابىقىدە 6 مىليۇن 500 مىڭ ppv ياراتقان، ھەمدە مايۋەزىر بىلەن پاككۈيئاۋنىڭ 4 مىليۇن 600 مىڭلىق ppv رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. مايۋەزىرمۇ 300 مىليۇن دوللار كىرىم قىلغان، ۋالاقتەككۈر 100 مىليوندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، قارىغاندا بۇكاۋ بۇنى كۆرۈپ كۆزى قىزارغان بولۇشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.