ئامېر: ئېيۋېزنىڭ گولوفكىننى مەغلۇب قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بۈگۈن ئىلگىرىكى WBA ۋە IBF يېنىك دەرىجىلىكلەر دۇنيا چېمپىيونى ئامېر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى بوكس ساھەسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر دۇنيا چېمپىيونى مېكسىكىلىق ئېيۋېزنىڭ ئىنتايىن قالتس ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسىدە، WBC,WBA,IBF,IBO چېمپىيونى، ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە دۇنيا چېمپىينى گولوفكىننى مەغلۇب قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئامېر: «ئېيۋېز بىلەن گولوفكىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە چوقۇم ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ئىنتايىن تەقەززا بولىۋاتىمەن، چۈنكى بوكس ھەۋەسكارلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ساقلىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا ئىككى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماھىر ئوتتۇرىسىدىكى دوئىل، بوكسنىڭ راسچىللىقى دەل مۇشۇ يەردە. ئۇلار ئىككىسىنىڭ يېقىنقى مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق، ئېيۋېز بارغانسىرى قالتىس بولۇپ كەتتى، مېنىڭچە ئۇ گولوفكىننى مەغلۇب قىلالايدۇ. گولوفكىن بولسا بىر مۇنەۋۋەر بوكسچى، بىراق ئۇنىڭ جېيكىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس. ئۇ مەيدان مۇسابىقە ئېيۋىزغا ناھايىتى زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى، ئېيۋىزنىڭ تېخنىكىسى ئىنتايىن قالتسى، مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بوكس سەھنىسىدە تۇتۇشۇپ باققان، ئۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، چاققان يۆتكىلىدۇ، بىر ئىنتايىن كۈچلۈك زەربىچى، گولوفكىننىڭ قارىشىچە ئېغىر مۇش ئىنتايىن كۈچلۈك، مېنىڭچە ئېيۋىزنىڭ ئېغىر مۇشتىنى بوكس ھەۋەسكارلىرى تۆۋەن مۆلچەرلەرپ قويدى. گولوفكىن مۇسابىقىلىرىدە رەقىبىنى KO قىلىشىنى ئاساس قىلىدۇ، بىراق ئېيۋېز بولغان مۇسابىقىدە بۇنداق قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل، ئېيۋېز ھەرگىزمۇ گولوفكىن تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنمايدۇ.»

    9-ئاينىڭ 16-كۈنى، گولوفكىن لاسۋىگاستا ئېيۋېز بىلەن بىر مەيداب مۇسابىقە ئوينايدۇ، HBO-PPVبىۋاستە تارقىتىدۇ. ھازىرقى يېڭىش يېڭىلىش پىرسەنتى بولسا 2-1، گولوفكىننىڭ يېڭىش مۇمكىنچىلىقى تۆۋەنرەك.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.