ئۇ ئەسلى تايسىننى ko قىلالايتى، بىراق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بۇ بولسا 1997-يىل 6-ئايدىكى بىر مەيدان ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسى، «نېگىرىيە زوڭتۇڭى» دەپ نام ئالغان ئىبىنزا، ئىككىنچى ئەۋلاد تايسىن، يەنى داۋىد بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان. ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا مەغلۇب بولماسلىق قەدىمى بىلەن ياخشى بولغان ko قىلىش ئىقدىدارىنى ساقلاپ كەلگەن، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولغان، ھەر ئىككىلا تەرەپ توختىماي ھۇجۇم قىلغان، ئۆز-ئارا روبىرو تۇتۇشقان. ئىبىنزانىڭ قارشىلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئاخىرىدا ئۇ 115-114،116-113،111-110 لىق نۇمۇر پەرىقى بىلەن داۋىدنى مەغلۇب قىلغان، شۇنىڭ بىلەن داۋىدنىڭ مەغلۇب بولماسلىق قەدىمى توختاپ قالغان، بۇمۇ ھەم ئىبىزانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالغان. ئىبىنزا شۇنىڭدىن كېيىن يەنى ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. 

    1999-يىلى 3-ئايدا ئۇ 5-ئايلانمىدىلا بوردنى تېخنىكىلىق ko قىلغان. شۇنداق قىلىپ كەسپى ھاياتىنى 20 مەيدان تولۇق غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. 15 قېتىم رەقىبىنى ko قىلغان، ئبىنزا ئەسلى 1990-يىلى ھەربىيلىككە قاتناشماقچى بولغان، دوگلاسنىڭ تايسىننى مەغلۇب قىلغىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەربىيلىككە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن، ھەمدە كەسپى بوكس ماھىر بولغان، بوردنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، ئۇ باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن داۋاملىق بوكس ئويناشقا ماس كەلمىگەن.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.