ئىلگىرىكى دۇنيانىڭ p4p شاھى مەغلۇب بولدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    12-چېسلا، ھازىرقى wbc يىنىك دەرىجىلىكلەر ماھىرى، تايلاندلىق بوكس شاھى سەيۋالىسكى پەقەت تۆت ئايلانما سەرپ قىلىپلا ئىلگىرىكى تۆت دەرىجىلىكلەر ئايرىمىس بويىچە دۇنيا بوكس چېمپىيونى ۋانگولەننى مەغلۇب قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلدى، بۇ يىل تۆتىنچى ئايدىكى بىرىنچى چوڭ مۇسابىقىدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت رېپىرنىڭ ھۆكۈمى بىلەنلا غەلبە قىلغان، غەلبە قىلىشتا ئۆزىگە تايانمىغان. بىراق بۈگۈن ko قىلغان مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

    مۇسابىقىدىن كېيىن سەيۋالىسكى مۇنداق دېدى: <<بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن مەن جاپالىق مەشىق قىلدىم. مەن تايلاندنىڭ شان شەرىپى ئۈچۈن مۇسابىقە ئوينايمەن، مەن بىرىنچى چوڭ مۇسابىقە ئۈچۈن ئىككى ئاي مەشىق قىلغان، بۇ قېتىم تۆت ئاي مەشىق قىلدىم، مەن ۋانگولەننى ko قىلالايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.>>

    ئۇدا ئىكى مەيدان مەغلۇب بولىشقا دۇچچار بولغان ۋانگولەن مۇنداق دېدى: <<بىز ئىزچىل روبىرو تۇرۇپ مۇشلاشتتۇق، بىراق سەيۋالىسكىنىڭ مۇشتى مېنىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەن. ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ مۇشتى تەگكەندە ئۈزۈل كېسىل ئەسلى ھوشۇمنى يوقاتتىم، بىراق ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم.>>

    ۋانگولەن 2015-يىلى مايۋەزىر بوكس ساھەسىدىن چېكىنگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، يەنى بۇ يىل 4-ئايدىكى بىرىنچى چوڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئىزچىل بوكس ساھەسىنىڭ p4p شاھلىق ئورنىنى ئېگەللەپ كەلگەن، ھەمدە ئىزچىل گولوفكىن بىلەن ۋوردقا بېسىم قىلىپ كەلگەن. بىراق ھېلىھەم ئۇنىڭ p4p دىكى رەت تەرتىپى يەنىلا ئالدىدا، كۈلكىلىك يېرى سەيۋالىسكى p4p رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن. بۈگۈن بۇنداق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچچار بولغان ۋانگولەن، بەلكىم كېلەر پەسىللىك p4p رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدىنمۇ چىقىرىپ تاشلىنىشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.