جوشىيا ئامېرىكىغا بېرىشكە ئالدىرىمايمەن دېدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎11ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    تاكام بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن باشقا، جوشىيانىڭ ئەڭ چوڭ مۇسابىقىسى ئامېرىكا ۋە WBC نىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى ۋېلدىر بىلەن بولغان جەڭ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېرمان سىتېۋې بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش.

    « ھەممە كىشى ئامېرىكىغا بېرىشىمنى مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ»، جوشىيا BBC نىڭ 5-ئىستانسىسىدىكى مايك كوستېلوغا مۇنداق دېدى: «مەن ئوتتۇرا شەرققە، ئافرىقىغا بېرىش توغۇرلۇق گەپلەرنى ئاڭلىدىم. مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى چېنىقىش سارىيىمدىكىلەر ۋە بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە بېلەت بەردىم، مەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ياردەم قىلىپ مۇسابىقە كۆرىدىغانغا بېلەت بەردىم. مەنچە ھەممە كىچىك بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بىرلىكتە كېلىپ ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرۈشى بىر ياخشى ئىش، بۇمۇ ھەم مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشكە ئالدىرىمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى.»

    «ئەگەر پۇرسەت چىقسا ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەيلى، لېكىن مېنىڭ ئالدىرىماسلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىلەر مېنى قوللاۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ئەمدى ئۇلارمۇ ھۇزۇرلانسۇن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامېرىكىغا بېرىپ كۆرىدىغان مۇسابىقە  پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە.»

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.