شىنجاڭ تاكۋاندو كوماندىسى ئالتۇن، كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎10ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: شىئەندە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2017-يىللىق جۇڭگو تاكۋاندو ئاشكارا مۇسابىقىسى 19-نويابىر ئاياغلاشتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزىمەتلىرى بىر ئالتۇن، بىر كۈمۈش، ئۈچ مىس مېدال ئالدى.

    2017-يىللىق جۇڭگو تاكۋاندو ئاشكارا مۇسابىقىسىگە 23 دۆلەت ۋە رايوندىن كوماندا قاتناشقان، شۇڭا ئۇ سەۋىيەسى يۇقىرى، دائىرىسى كەڭ، خەلقئارالىق تۈس ئالغان مۇسابىقە بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت بولغاچقا، ئۇلار سەككىز تەنھەرىكەتچىسىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تاۋلاش مەقسىتىگە يېتىش بىلەن بىللە، ئۇلارغا خەلقئارالىق سەھنىدە ئۆزىنى سىناپ بېقىش، ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېداللارنى ئېلىپ شىنجاڭ خەلقىگە شەرەپ كەلتۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

    مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاكۋاندو تۈرىنىڭ 80 كىلوگىرامدىن ئېغىرلار ئايرىمىسىدا ئالتۇن مېدال ئالغان 24 ياشلىق ماھىرىمىز تيەن ۋېن جاسارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، خەلقئارا تاكۋاندو سەھنىسىدىمۇ چېمپىيون بولدى. ئۇ مۇسابىقىدە جەمئىي تۆت ماھىر بىلەن ئېلىشىپ، بىرىنى ئازغىنە نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ماھىرلىرىمىزدىن جوۋ رۈنجيەن ئوغۇللار 63 كىلوگىرامدىن ئېغىرلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مېدال؛ يەن فاخۇي ئوغۇللار 87 كىلوگىرامدىن ئېغىرلار ئايرىمىسىدا، جاڭ چېن بىلەن ليۇ شياۋنىڭ قىزلار 73 ۋە 62 كىلوگىرامدىن ئېغىرلار ئايرىمىسىدا مىس مېدال ئالدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.