شىنجاڭ كوماندىسى توسالغۇدىن ئاتلىق ئۆتۈش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : باشقىلار
  • شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرى مۇسابىقىدە

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ توسالغۇدىن ئاتلىق ئۆتۈش كوللېكتىپ مۇسابىقىسى 29 -ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن «خۈەنيا» چاۋگەن توپ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن توققۇز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 39 ماھىر كوللېكتىپ ۋە يەككىلەر بويىچە مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرى كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق 2-لىككە ئېرىشىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

    يەككىلەر مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى پەرۇس مۇھەممەتتۇرسۇن، مۇرادىل ئابدۇرېھىم ئىككەيلەن ھېچقانداق نومۇر تارتىلماي مۇسابىقىنى تاماملاپ، ئايرىم ھالدا يەككىلەر بويىچە 2-لىككە ۋە 7-لىككە ئېرىشىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.