كۈندە يېتەرلىك سۇ ئىچكەندە، قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : باشقىلار
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    1. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ

    <<ئىنسانلار مېڭە تەتقىقاتى ژۇرنىلى>> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىز 30 كۈن سۇ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئىنكاسى تېزلىشىدۇ. سەۋەبى بولسا چوڭ مېڭىڭىز زور تۈركۈمدىكى ئوكسىگىننىڭ خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەم سۇ بولسا بىر مۇھىم بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى. ئۇ سىزنىڭ دېققىتىڭىزنى يىغىشىڭىزغا، تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ يەنە سىزنى سەزگۈر، ئەقىللىق، ئىنكاسىڭىزنى تېز قىلىدۇ. ھەر كۈنى  8 ئىستاكاندىن 10 ئىستاكانغىچە سۇ ئىچكەندە، سىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىز %30 يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ.

    2.  ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئاستا قېرىيسىز 

    ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقتاردا سۇ ئىچىش قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ، تېرىدە يېتەرلىك مىقتاردا سۇ ساقلىنىدۇ. سۇ سىزنىڭ تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ، تېرىڭىزنىڭ ساغلاملىقنى ساقلايدۇ، يۇمىران، مۇقىم، يۈزىنىڭ ئىلاستىنكىلىقىنى ساقلاپ، تېرىگە قورۇق چۈشۈرمەيدۇ. <<پوچتا گېزىتى> >نىڭ يوللىغان بىر ماقالىسىدە، بىر 42 ياشلىق ئايال 30 كۈن يېتەرلىك سۇ ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزىنى 10 ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغان. باشتا ئۇ ھەر كۈنى 3 لىتىر سۇ ئىچكەن، ھەم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشۋاتقان باش ئاغرىقى ۋە  ناچار ھەزىم قىلىشى  ئەھۋالى ياخشىلانغان. پەقەت بىر ئاي ئىشلىتىپلا ئۇنىڭ بەدىنىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان، باش ئاغرىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان.

    ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قەتئى ئىشەنگىسى كەلمەيدىكەن، خۇددى باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالغانغا ئوخشاش. كۆز ئەتراپىدىكى قارا داغلار يوقىغان، تېرىسىمۇ ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدەك يۇمىران ھالەتكە قايتقان، ھازىر ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇرۇقلاپ قالغانلىقى، بەدىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇپ كەتكەنلىكنى ھېس قىلغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشتە ئۇ پەقەت بىرلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، ئۇ بولسىمۇ ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىش.

    3.ئىممۇنىت ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچۈيىدۇ

    بىر ماقال-تەمسىلدە مۇنداق دېگەن: << ساپ سۇ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دورا.>>

    سۇ بولسا ئادەمنىڭ ھەر قايسى ئورگانىزىملىرىنى يېڭىلايدىغان كاتالىزاتور، يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچكەندە جىگەر، بۆرەك ئىقدىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئورگانىزىملار قاندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى، ئەخلەتلەرنى تازلايدۇ.

    4.بىلىكىڭڭىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ

    سۇ يۇمشاق سۆڭەكلەرنىڭ قايتا ئۈسۈشىنى، بۇغۇملارنىڭ ھەركىتىنى جانلاندۇرىدۇ، بۇغۇملارنىڭ يارلىنىشنى ئازايتىدۇ، يېتەرلىك سۇ بۇغۇملارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    5.تېخىمۇ كۈچلۈك يۈرەككە ئىگە بولىسىز 

    سۇنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىسى بار، ئۇ يۇقۇرى قان بېسىمنى ئازايتىپ، يۇقۇرى قان بېسىمنىڭ يۈرەككە بولغان تەھتىدىنى ئازايتىدۇ، بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلاشتىن ئاۋال بىر سائەت بۇرۇن سۇ ئىچكەندە شامالدارىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئۇ يۈرەكنىڭ ئوكسىگىن بولغان قاننى ئورگانىزىملاغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن، <<ئامېرىكا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ژۇرنىلى>> ئالتە يىللىق بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى يوللىغان بولۇپ، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان سۇ ئىچىدىغان كىشلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى مۇمكىنچىلىكى ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىدىغان كىشلەرگە قارىغاندا 41% تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    6. بەدەندىكى تېخىمۇ كۆپ ماينى يوقىتالايسىز

    سىز 30 كۈن يېتەرلىك سۇ ئىچكەن ۋاقىتتا، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ھەر قايسى ئورگانىزىملارغا ھۇجۇم قىلىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. بەدىنىڭىزنى تېخىمۇ پاكىز قىلىدۇ، ھەم قورساقتىكى ماينى تىزگىنلەشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشى. دەسلەپتە سۇ ئىچىشىنى باشلىغان ۋاقىتتا سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز ئارتىدۇ، سۇ بولسا يېمەكلىكنى تازلىغۇچى، ناھايىتى تېزلا سىزگە ئىنتايىن ئاز ئىسسىقلىقنى سۈمۈردۈرىدۇ.

    ئەگەر سىز ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى تازلايدۇ، سىزگە يېڭى بولغان بەدەن ئاتا قىلىدۇ، ئەگەر سىز ئاز بىر نەرسە يەپ قالسىڭىزمۇ، قورسىقىڭىز ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايسىز. چەتئەللىك داڭلىق ئوزۇقشۇناس ئاندىرنا دوكتۇر، ھەر كۈنى تاماقتىن ئاۋال بىر ئىككى ئىستاكان سۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئادەمنىڭ تەبىئيلا يېمەكلىكنى ئاز يەيدىغانلىقىنى، ئۇزاق مەزگىل ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

    7. ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقدىدارىڭىز كۈچىيىدۇ

    تەتقىقاتلاردا ئېنىقلىنىشىچە، ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقتاردا سۇ ئىچكەندە مەيلى سىزنىڭ يېمەك ئىچمىكىڭىز قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر سىزنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلشىچە، ھەر كۈنى ئەتتىگەن 500 مىللېتىر ئىلمان سۇ ئىچكەندە، ماددا ئالماشتۇرۇش  ئىقتىدارىنى 24% تېزلەتكىلى بولىدىكەن.

    شۇڭلاشقا، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ كىلىشكەن، تېخىمۇ ياش ھەم ئورۇقلىماقچى بولغان كىشلەرنىڭ ھەر كۈنى سۇ ئىچىش ئارقىلىق بۇ ئارزۇسىغا يېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.