شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى زەپەر قۇچۇپ قايتتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : باشقىلار
  • تەنتەربىيە مەستانىلىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى «ئۈزگەن»، قەدىمچە چېلىشىش 59 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيون بولغان ماھىر تورباتۇنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا قىزغىن قارشى ئالدى

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 6 ئالتۇن مېدال، 8 كۈمۈش مېدال ۋە 12 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ 9-سېنتەبىر زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 8-سېنتەبىر تيەنجىندە يېپىلدى. شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى جەمئىي 26 مېدال ئالدى، بۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالغان 16 مېدالدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى تۆت يىلدا تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە نامايان قىلىپ بەردى. 

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.