موتوسىكلىتچى ئەزىمەتلىرىمىز ئۈچ كوللېكتىپ چېمپىيونى بولدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : باشقىلار
  • ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: 2017-يىللىق دالا موتوسىكلىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يۇڭكاڭ بېكىتىدىكى مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىپ 19-نويابىر ئاياغلاشتى، شىنجاڭ موتوسىكلىت كوماندىسىدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان سەككىز ئەزىمەتنىڭ ھەممىسى شەخسلەر بويىچە 2-لىكتىن 8-لىككىچە بولغان ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۈچ تۈردە كوللېكتىپ چېمپىيون، بىر تۈردە كوللېكتىپ 2-بولدى.

    جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇڭكاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق دالا موتوسىكلىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ 160 نەچچە ئىشتىن سىرتقى موتوسىكلىت ماھىرى قاتناشتى. مۇسابىقە چوڭلار (18 ياشتىن چوڭ)، ياشلار (18 ياشتىن كىچىك)، ئۆسمۈرلەر (13 ياشتىن كىچىك) ئايرىمىسى بويىچە ھەر خىل تىپتىكى موتوسىكلىت گۇرۇپپىلىرىدىن يەتتىنى شەكىللەندۈردى، تاللاش ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى تالاشتى.

    مۇسابىقە پۈتۈنلەي يامغۇرلۇق كۈندە ئۆتكۈزۈلگەچكە، ھاۋا شارائىتى شىنجاڭلىق ماھىرلارغا بىرئاز قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، شۇنداقلا مۇسابىقىنىڭ خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولدى. شۇنداقتىمۇ ئەزىمەتلىرىمىز تۆت كۈن بۇرۇن مەيدانغا كېلىپ مەيداننى كۆرۈش مەشقى قىلىپ نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئېھسان ئەيسا، ئىلھامجان تۇرسۇن قاتارلىق سەككىز ماھىر ئۆلىرى ئايرىمىسىدا 2- لىكتىن 8- لىككىچە ئورۇننى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى جۇغلىنىپ چوڭلار B گۇرۇپپىسى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا كوللېكتىپ چېمپىيون، چوڭلار A گۇرۇپپىسىدا كوللېكتىپ 2- بولدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.